- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم- كېسىملەر توردا ئاشكارىلىنىدىغان بولدى
2014.04.21 10:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزتۇرسۇنئاي ئابدۇرېھىم خەۋىرى: يېقىندا، قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىملەرنى توردا ئاشكارىلاش قۇرۇلۇشى پىكىرى» نىڭ تەلىپىگە ئاكتىپ ماسلىشىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك يىغىن چاقىرىپ، ھۆكۈم-كېسىملەرنى توردا ئاشكارىلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلالايدۇ، ھەمدە سوتچىلارنىڭ ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇننى تەدبىقلاش ۋە ھۆكۈم-كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سوتچىلارنىڭ كەسپى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر