باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاموژنا خادىملىرى دۆلەت ھالقىغان زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى

فەن سوڭۋۇ

2014.04.21 10:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014 – يىلى 25 – مارت قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەتكەسچىلىك، زەھەر توشۇش جىنايىتى بىلەن پاكىستان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئىككى زەھەر ئەتكەسچىسىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق مال – مۈلكى، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەر ۋە زەھەر توشۇشقا ئىشلىتىلگەن يۈك ئاپتوموبىلىنى مۇسادىرە قىلدى.

  بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان تاموژنا سىستېمىسىدىكىلەر ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ پاش قىلغان، خىروئىن مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسى.

  2011 – يىلى 2 – ئاۋغۇست قونجىراپ تاموژنىسى بىلەن قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش شۆبە ئىدارىسى پاكىستاننىڭ كونتېنيېرلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈك ساندۇقىغا يېڭىدىن ساندۇق قوشۇپ، نۇرغۇن ئورالمىلارنى قاچىلاپ قويغانلىقىنى بايقىدى. تاموژنا خادىملىرى بۇ ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىلغا يوشۇرۇپ قويۇلغان 115 بولاق پاراشوكسىمان بۇيۇمنى قولغا چۈشۈردى ھەم نەق مەيداندا خالىد مەھمۇد ۋە مۇھەممەد سىدىقتىن ئىبارەت پاكىستان تەۋەلىكىدىكى ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ پاراشوكسىمان بۇيۇمنىڭ خىروئىن ئىكەنلىكى، ئېغىرلىقىنىڭ 590.96 كىلوگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

  2011 – يىلى 1 – ئاۋغۇست كېچە، پاكىستاندىن كىرگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ ماللارنى يىغىپ تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. تاموژنا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پورتقا كىرىپ – چىقىدىغان يۈك ئاپتوموبىللار ماللارنى يىغىپ تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش مەيدانىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ماڭالايتى. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرگەن پاكىستاننىڭ بۇ يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئاق يەكتەك كىيگەن پاكىستانلىق شوپۇر سەكرەپ چۈشۈپ، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئەتكەندىن كېيىن، ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئايرىلدى.

  ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، قونجىراپ تاموژنىسى تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شياۋ جيەنشۆ ئاپتوموبىل ۋە ماللارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سائەت 30: 11 ئەتراپىدا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا چارلاۋاتقان تاموژنا خادىمى پولات شياۋ جيەنشۆنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا: تۈنۈگۈن كەچتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرگەن پاكىستاننىڭ يۈك ئاپتوموبىلىدا گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلدى.

  شياۋ جيەنشۆ بىلەن پولات كۆپ يىل تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى سەزگۈسى ۋە ھوشيارلىقىغا تايىنىپ دەرھال ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كەلدى. ساندۇقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا سىرلىغاندا ئاققان سىرنىڭ ئىزى بار ئىدى. ئىككىسى تاش بىلەن يۈك ساندۇقىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چېكىپ كۆردى، ساندۇقنىڭ ئالدى قىسمىدىن چىققان ئاۋاز بىلەن ئوتتۇرا ۋە ئارقا قىسمىدىن چىققان ئاۋاز پەرقلىنەتتى. ئىككىسى يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ئاستى قىسمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردى، ئۇ يەردە يېڭىلا كەپشەرلەنگەن ئىز بار ئىدى.

  2 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن پاكىستانلىق ئىككى ئەر تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش ئىشخانىسىغا كىرىپ، شياۋ جيەنشۆگە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شياۋ جيەنشۆ ئۇلار سۇنغان رەسمىيەت تالونىنى تەپسىلىي كۆردى. تالوندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يۈك ئاپتوموبىلى چېگرا ھالقىيدىغان تىرانسپورت ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئۇنىڭغا .9 6 توننا ئېغىرلىقتىكى 279 خالتا گۈرۈچ بېسىلغان، يۈكنىڭ قىممىتى 1395 دوللار، پاكىستاننىڭ سۇسىت پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ قونجىراپ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ، قەشقەردىن ئۆتۈپ يەنە تورغات پورتىدىن چىقىپ، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىگە بارىدىكەن.

  شياۋ جيەنشۆ تالونغا قاراپ گۇمانلىنىپ قالدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستاندا گۈرۈچ كەمچىل بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن 30 توننىلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا ئاران يەتتە توننا گۈرۈچ بېسىلسا، يەنە كېلىپ گۈرۈچنىڭ قىممىتى ئاران 1395 دوللار بولسا، 1500 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتسە، توشۇش ھەققىنى چىقىرىۋەتسە، بۇ يۈكتىن قانچىلىك پايدا چىقار؟

  بۇ ئىككى ‹‹چاقىرىلمىغان مېھمان››نى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، شياۋ جيەنشۆ ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە شۇ جايىدىلا چېگرادىن ئۆتۈپ يۈك توشۇيدىغان بىر شىركەت بىلەن ئالاقىلەشتى. پاراڭلىشىش جەريانىدا، شياۋ جيەنشۆ بۇ ئىككىسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىدى، ئورۇق، ئېگىزرەك كەلگىنى شوپۇر ئىكەن، پاكار، سېمىزرەك كەلگىنى قەشقەردىن كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر يۈكنىڭ ئىگىسى ئىكەن. شوپۇر تورغات پورتىغا بېرىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، يۈكنىڭ ئىگىسى قونجىراپ پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاپتوموبىل بىلەن قەشقەرگە بېرىپ، ئاندىن تورغات پورتىدىن چىقماقچى ئىكەن.

  شياۋ جيەنشۆ بىلەن پولات تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى – كەينى، ئۈستى – ئاستى ۋە يان تەرەپلىرىنى قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا يۈك ساندۇقىنىڭ ئالدى تەرىپىگە 30 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە قېلىنلىقتا ياسالغانلىقىنى، ساندۇق ئىچىگە باشقا نەرسە يوشۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ۋە ئۈشكە بىلەن ساندۇقنىڭ تۆمۈر تاختىسىنى تەستە تېشىپ ساندۇقتىن بىر تۆشۈك ئاچتى، ئاندىن ئۈشكىنى ئاستا چىقىرىپ كۆرۈۋېدى، ئۈشكىگە ئاپئاق، پاراشوكسىمان نەرسىنىڭ يېپىشىپ قالغانلىقىنى، بىر خىل ئاچچىق پۇراق چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

  شياۋ جيەنشۆ بىلەن پولات زەھەرنى تېز تەكشۈرۈش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئالغان ئاق پاراشوكنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ پاراشوكنىڭ خىروئىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قونجىراپ تاموژنىسى بىلەن قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش شۆبە ئىدارىسى دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نازارەت قىلىپ قولغا ئېلىش لايىھەسىنى تۈزدى.

  3 – ئاۋغۇست سائەت 15 تە، گۇمانلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ تاموژنىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرى تېزلا بېجىرىلىپ، ئىككى جىنايەت گۇماندارى ھېچ ئىش بولمىغاندەك تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش مەيدانىدىن ئايرىلدى. شياۋ جيەنشۆ، پولات قاتارلىقلار ئاپتوموبىلغا ئەگەشتى. يۈك ئاپتوموبىلى تەكشۈرۈش – ئۆتكۈزۈش مەيدانىدىن چىقىپ ئون مىنۇت ئۆتمەيلا، تۇيۇقسىز قايرىلىپ، يول بويىدىكى رېمونتخانىغا كىردى. رېمونتچىلار يۈك ساندۇقىغا قوشۇلغان ساندۇقنى ئۆلچەپ، ئۇنى كەسمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. 15 مىنۇتتىن كېيىن يۈك ئاپتوموبىلى رېمونتخانىدىن ئايرىلىپ، ئازراقلا مېڭىپ ماي قاچىلاش پونكىتىغا باردى. كېيىن ئېنىقلىنىشىچە، بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈك ساندۇقى ئۆزگەرتىلگەندە يېڭىدىن كەپشەرلەنگەن پولات تاختا ماي ساندۇقىنىڭ ئېغىزىنى يېپىۋالغان بولۇپ، ماي قاچىلاشقا بولمىغانلىقتىن، رېمونتخانىغا كىرىپ كەپشەرلەنگەن ئورۇننى كەسكەن ئىكەن.

  ئۇلار ئىشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەشقەر شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 4 – ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 1 لەردە، گۇمانلىق يۈك ئاپتوموبىلى قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىردى. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىككى گۇماندار تاكسى بىلەن شەھەرگە كىرىپ كەتتى.

  5 – ئاۋغۇست سائەت 9 ئەتراپىدا، ئىككى گۇماندار ئالدىراپ – تېنەپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كېلىپ ئاپتوموبىلنى قوزغاتتى. بىرئازدىن كېيىن، نومۇر تاختىسى يوق بىر ئاق رەڭلىك پىكاپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىردى، پىكاپتىن ئۈچ ياش يىگىت چۈشتى. ئۇلار گۇمانلىق يۈك ئاپتوموبىلدىكىلەر بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرى چۈشكەن ئاپتوموبىل بىلەن تورغات پورتىغا قاراپ ماڭدى.

  5 – ئاۋغۇست سائەت 10 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، زەھەر يوشۇرۇلغان يۈك ئاپتوموبىلى تورغات پورتىنىڭ 5 – نومۇرلۇق ئامبىرى ئالدىدا توختاپ، تاموژنىدىن ئۆتۈپ چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنىڭ بېجىرىلىشىنى كۈتتى. ھېلىقى نومۇر تاختىسى يوق پىكاپمۇ چېگرادىن چىقىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا توختىدى. سائەت 13 ئەتراپىدا، زەھەر يوشۇرۇلغان يۈك ئاپتوموبىلى چېگرادىن چىقىدىغان ئاپتوموبىللارغا ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا چېگرادىن چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى ۋە ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان پىكاپتىكىلەر بىلەن ئۇچراشماقچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن پىكاپنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولدى ۋە ئۇلارنى نەق مەيداندا تۇتتى.

  ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى يۈك ئاپتوموبىلىنى تورغات پورتى يۈك مەيدانىغا ئەكىرىپ، يۈك ساندۇقىغا قوشۇلغان ساندۇقنى كېسىپ ھەيران قالدى: ئېگىزلىكى 2.7 مېتىر، كەڭلىكى 2.3 مېتىر كېلىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى قىسمىغا 40 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ياسالغان قوشۇلما ساندۇقنىڭ ئىچىدىن 12 بولاق نەرسىنى ئالدى، بولاق ئىچىدىن سېرىق سولياۋ پىلاستېر بىلەن چىڭ يۆگىۋېتىلگەن بولاق – بولاق زەھەر چىقتى. بۇ جەمئىي 115 بولاق بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 590.96 كىلوگىرام ئىدى.

  ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر