باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
مۇقىملىق - تەرەققىياتنىڭ جېنى
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.07.14 15:48  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  ئامانلىقنىڭ پايدىسى كۆپتۇر، قالايمىقانچىلىقنىڭ زىينى. مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولغاندىلا، خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلالايدۇ.ھازىر، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى نورمال يۈرۈشىۋاتىدۇ، بازار مۇقىم ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن  تەمىنلەش يېتەرلىك بولىۋاتىدۇ، ماگىزىن، دۇكانلار تىجارىتىنى باشلاپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىۋاتىدۇ، بازارلار-كوچىلار ھاياتى كۈچىنى قايتا جانلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چىرايىغا قايتىدىن كۈلكە يۈگۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپى ئەسلىگە كەلدى. كىشىلەر زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن،  مۇقىملىقنىڭ بەخت، داۋالغۇشنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ داۋلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر كىشىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭنىڭ ئۇزاق يىللىق مۇقىملىقى بىلەن ھەر ساھە ۋە كەسىپلەر روناق تاپتى، سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ كەلدى، جەمئىيەت مەدەنىي بولدى ۋە ئالغا باستى. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ جېنى.

  مۇقىملىق__ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ، ئىتتىپاق، مۇقىم  ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش__ شىنجاڭدىكى 21 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  بەختى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  مەنبە : خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved