باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى
ئۆز ئوبزورچىمىز
2009.07.13 13:59  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ۋەقەسى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس يارا سالدى. ئەمما بۇ ۋەقە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىقتىن ئىبارەت ئاساسىي مىلودىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ماس تەرەققىي قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى.   ھەر مىللەت ئاممىسى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن ھەممىنى تەسىرلەندۈردى. ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە تاسادىپىي بالايى ئاپەت ئالدىدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىتتىپاقلىشىپ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇردى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىر-بىرىنى قوغدىدى، تېببىي خادىملار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ھەر مىللەت يارىدارلىرىنى قۇتقۇزدى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى بەس-بەستە قان بېرىپ يارىدارلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇردى... قۇتقۇزۇۋېلىنغان بىر يارىدار مۇنداق دېدى:«مېنى يەتتە-سەككىز ئادەم ئۇردى، لېكىن مېنى قۇتۇلدۇرغانلار 70-80 دىنمۇ كۆپ». ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى داستانىنى ياراتتى. بالايى ئاپەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھەر مىللەت قېرىنداشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تىنچ-ئامانلىق، بەخت-سائادەت ۋە ھاياتقا تەڭ ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتى.

  بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ئىغۋا تارقاتماسلىق، پىتنە-پاساتقا ئىشەنمەسلىك،  قۇتراتقۇلۇققا پىسەنت قىلماسلىق، قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىققا يېتەكلەپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  مەنبە : خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved