ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايلى
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.07.10 14:12
ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ، شۇ جاينىڭ نورمال تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى . يېقىندا بۇ ۋەقەدىكى ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەندى ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، نەپىقە بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل مۇئەسسەسەلىرى يۈرۈشتۈرۈلۈپ ، ئىجتىمائىي تەرتىپ تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەر مىللەت كادىرلىرى-ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ ، جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى .
شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ساقلاش نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە . مۇقىملىق خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقان ، تۇراقسىز بولسا ، كىشىلەر ئاساسىي ئىززەت-ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپلا قالماي ، ئادەتتىكى تۇرمۇش شارائىتى ھەتتا ھاياتىي بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ . ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىنسانلار ئومۇميۈزلۈك ئېتراپ قىلىدىغان ئاساسىي مىزان ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى ، شۇنداقلا ھەر بىر پۇقرانىڭ ئاساسىي ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى .
مەنبە : «خەلق گېزىتى »
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)