زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايلى
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
2009.07.07 11:12
5-ئىيۇل كەچتە،ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇرۇش-چېقىش،بۇلاش ،كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقە كىلىپ چىقىپ ،140 ئادەم ئۆلدى،800دىن ئارتۇق ئادەم زەخمىلەندى،مال-مۈلۈككە ئېغىر زىيان يەتتى.بۇ چىگرا سىرتىدا باشچىلىق قىلنغان ،چىگرا ئىچىدە مەقسەتلىك ،تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش چېقىش،بۇلاش ،كۆيدۈرۈش ۋەقەسى .ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇنداق قىلمىشقا ھەرگىزمۇ تاقەت قىلىپ تۇرغىلى بولمايدۇ.شۇڭا،تىز ھەرىكەتكە كىلىپ ،كۈچلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كىرەك.
پولاتتەك پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى،«5-ئىيۇل»ۋەقەسى چىگرا سىرتىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىر قوللۇق پىلانلاپ چىققان .بۇنىڭدا ۋەقە پەيدا قىلىپ،زوراۋانلىق ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك قىلىپ،تەرەققىياتىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسەد قىلىنغان.بۇ مىللى مەسىلىمۇ ئەمەس،دىن مەسىلىسىمۇ ئەمەس.بۇ پەقەت ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت كەسكىن كۈرەش.دۆلىتىمىز قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت ،قانۇننىڭ ئىززەت –ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ.جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا سۈكۈت قىلىش ــــ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك. ئۇرۇش،چېقىش،بۇلاش،كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە ئارىلاشقان بۇ بىر ئوچۇم جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە چوقۇم قاتتىق جازالاش كىرەك.دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ،مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشى ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىزدىكى تۈپ كاپالەت.جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ.بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى ئۆز كۆزىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ،ۋەقە پەيدا قىلىپ،دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىپلىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بىرىشىمىز كىرەك.
مۇقىملىق ـــــ سائادەت،پاراكەندىلىك ــــ ئاپەت.30يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات،ئېچىۋىتىش ئارقىلىق ،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلدى،جەمئىيەت ئىلگىرلىدى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ،خەلق خاتىرجەم بولدى.بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق كۈرۈش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئەنە شۇ.بىز مىللىي بۆلگۈنچىلىككە چوقۇم روشەن پوزىتسىيدە قارشى تۇرۇپ،ئىتتىپاقلىقى مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشمىز كىرەك.شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى،«5-ئىيۇل»ۋەقەسى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات،قۇرۇلۇش، ،تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى ۋە قۇدرەتلىك ئىشەنچىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.بۇ ۋەقە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆزىنى ئېچىپ،ھەق-ناھەقنى پەرق ئىتىپ،شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ ھەم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.ھەر قانداق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى مۇقەررەر شەرمەندىلەرچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)