مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەيلى

___ «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2022.03.30 09:52 مەنبە: خەلق تورى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئالدىنقىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشى ئاساسىدا «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.

  ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن -ئاخىر ئېغىشماي ماڭساقلا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا، رايون تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرماقتا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەيپىياتى يېڭىلانماقتا... ئىللىق باھار شامىلىدا، جۇڭگو زېمىنىدا كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ، «تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىش»دەك ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈلۈپ، يېڭى يول، يېڭى ئۈمىد ئۇزارتىلماقتا. 100 يىللىق چوڭ پارتىيە مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم كۈنسېرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىر چوڭ ئىش»، «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ۋەزىپىسى دەل بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق يېزىش» دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يىغىنچاقلاندى، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى − ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش قۇرۇلۇشنى بىر گەۋدە قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى−سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى» بۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم مەزمۇن.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت «بۇ چوڭ ئىش»تا قويۇق، رەڭدار سەھىپە پۈتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «<بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> بىلەن <تۆت ئومۇميۈزلۈك> بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ھەمتۈرتكە بولىدۇ، ماس، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك سىياسىي، ئىلغار مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ باياشات، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك، جۇڭگونىڭ گۈزەل بولۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئالدىنقىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشى ئاساسىدا «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدۇق.

  ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰم ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺗﻪرەققىي ﻗﯩﻠﯩﺪىغان سوتسىيالىزم. تارىخنى ئەسلىسەك، پارتىيە 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن، پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى «تۆتنى بىر گەۋدە قىلىش»قا كېڭەيتىشكىچە، ئاندىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىچە، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتكە، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۈزلۈكسىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى تۈزۈپ چىقىلدى.

  يېڭى دەۋردىكى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئاساس، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كاپالەت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى روھ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى شەرت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۇل قىلغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يېڭى نىشانى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. بۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يول خەرىتىسى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنىڭ ۋەزىپىنامىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى ئىگىلىشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.«بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تەدرىجىي شەكىللىنىپ، ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك لوگىكىسى قايتا بەرپا قىلىندى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش» تىن تارتىپ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قىچە، يەنە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا تەلەپ قىلىنغان «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ـ ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» تا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى مەۋقە قىلىنىپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئېنىق نامايان قىلىندى 2020-يىلى 10-ئايدا، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش» نىڭ « ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش» قا تەرەققىي قىلغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەم ئىستراتېگىيەلىك نىشان ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر مۇجەسسەملەنگەن «تۆت ئومۇميۈزلۈك» بىرى بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرى بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىرى بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىدىكى يېڭى ئىجادىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۇتقا.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، بۇ مۇساپىدە شەكىللەنگەن «بەش مۇقەررەر يول» مۇھىم تونۇشىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى» دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈرىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي ماڭساقلا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەندە، بىز چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ