مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە بايرىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدى

2022.03.29 12:23 مەنبە: خەلق تورى

  «يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ___ تەييارغا ھەييار بولىدىغان، ساقلاپ تۇرىدىغان، ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق دېھقاننىڭ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان، يېزىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان، يېزا-كەنتنى گۈللەندۈرىدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلىنىشى كېرەك» 2018– يىلى 4–ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېيدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى خۇبېي چۇڭياڭ ناھىيەسى بەينى بازىرى داشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېڭ جۈنىڭ قەلبىگە مەھكەم ئورنىغانىدى.

  مۇستەھكەم، كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىش ئۈچۈن چېڭ جۈ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشلاپ كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ پىكىر ئېلىپ، كەنت ئۈچۈن تەرەققىيات يىرىك پىلانى لايىھەلەپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. بۇ جەرياندا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئوبرازى ئېتىراپ قىلىنىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

  ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، سەككىز يىل ئىلگىرى كەنتكە يېڭى كەلگەندە، كەنت كادىرلىرىنىڭ يېشى ئومۇميۈزلۈك چوڭ بولۇپ، كەنتتە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغىنىغا بەش يىل بولغان، ئۇ بىر-ئىككى ياشنى تېپىپ تەربىيەلەشمۇ تەس ئىدى. «ھازىر، نۇرغۇن ياش جەلپ قىلىنىپ قايتىپ كېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلاشتى، كەنتتىكى كادىرلارنىڭ زاپىسى يېتەرلىك، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن 20 نەچچىسى بار. بۇلتۇر نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىدە 60-يىللاردا تۇغۇلغانلاردىن بىرى قالدى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلار» دېدى چېڭ جۈنىڭ تونۇشتۇرۇپ.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا مۇھىمى ئاساس؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىمى ئاساسىي قاتلام. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، كۈچ مەنبەسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، پەقەت ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسىدا كۈچلۈك ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى بولسىلا، ھەممىسى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالىسىلا، پارتىيەمىز ناھايىتى قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دۆلىتىمىز ناھايىتى قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، خەلقىمىز ناھايىتى قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ».

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ، قەتئىي نىيەت، قەيسەر ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ سىياسىي فۇنكسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رىشتىنى توقۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، پارتىيە بايرىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن-ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدى.

  ___ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، ماس ھەرىكەت، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ___ تەشكىلىي قۇرۇلما ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەشكىلىي ئىقتىدار كۈچەيتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئۆستۈرۈلدى. شەھەرلەردە، شەھەر ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا رايونلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بۆلەكلەر بويىچە ماسلىشىش، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك پۇختا تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. يېزىلاردا، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرىنى تاللاپ كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كارخانىلىرىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئەۋزەللىكىنى كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. ھەر دەرىجىلىك ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنى چۆرىدەش، قوشۇن قۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقتى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش پۈتۈن جەريانىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار يەنە «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گۈللەنمە ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

  ___ تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەت نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» بېسىپ تارقىتىلدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى... ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، يۈرۈشۈشى قېلىپلاشقان، ئىجرا قىلىنىشى كۈچلۈك تۈزۈم سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى تۈزۈمى بولغان «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇلۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكلەپ، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ، قاتتىق تەدبىردە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلدى.

  بەس-بەستە ئىلگىرىلىگەنلەرلا غەلىبە قازىنالايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئورگان، ئورۇنلاردىن تارتىپ شەھەر، يېزا، كەنتلەرگىچە، مەكتەپ، كارخانىلاردىن تارتىپ سېخ، زاۋۇت، كانلارغىچە، 4 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلدى، 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئاۋانگارت نەمۇنىچىغا ئايلانماقتا، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى جەزمەن ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ، پارتىيەمىز جەزمەن تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ