مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزايلى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزەيلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2022.03.07 12:49 مەنبە: خەلق تورى

  «كوممۇنىستلار شۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2022- يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياش كادىرلارغا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كىم ئۈچۈن نەتىجە–ئۈنۈم يارىتىش، قانداق نەتىجە–ئۈنۈم يارىتىش، نەتىجە –ئۈنۈمنى قانداق يارىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەقىقىي نەتىجە يارىتىشىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، شەخسىي غەرەزنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. پارتىيەۋىلىك __ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئىگىلىك تىكلىشى، سۆز قىلىشى، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنىڭ ئۇل تېشى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مەيدان مەسىلىسى. كوممۇنىستلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە، خەلققە، دۆلەتكە رىشتە باغلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ خەلق مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، پارتىيەۋىلىكتە چىڭ تۇرغانلىق خەلقچىللىقتا چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ. پارتىيەمىز خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، خەلققە ئىش قىلىپ بېرىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلدى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى خەلق ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىدىغان تارىخ. بىز خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چوقۇم جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىسىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: «ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش دېگەن نېمە؟ بۇنى ئاممىنىڭ بىۋاسىتە ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئويلىشىش كېرەك، سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئاددىيلاشتۇرۇشقا، بىر تەرەپلىمىلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. قەيەردە خەلقنىڭ ئېھتىياجى بولسا، شۇ يەردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغىلى، شۇ يەردە نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. نەتىجىنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىدا ئاممىنىڭ ئەمەلىي تەسىراتىغا قاراش كېرەك، ئامما باھا بېرىشى كېرەك. بەزى ئىشلارنىڭ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىدە، پەقەت ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئېھتىياجىغىلا قاراشقا بولمايدۇ، يەنە كېسەللىك ئاسارىتى قالامدۇ - يوق، «بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئون ئەپسۇسلىنىش قالامدۇ-يوق؟» شۇنىڭغا قاراش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش، ھەم كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچىدىغان، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ھەم ئاشكارا تۆھپە يارىتىش، ھەم يوشۇرۇن تۆھپە يارىتىش، شەخسىي نام-مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماي، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان كېيىنكى ھەقىقىي باھاغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش كېرەك. شۆھرەتپەرەسلىككە قىزىقماي، ساختا تۆھپە ياراتماي، قۇرۇق نام قوغلاشماي، خەلق ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق يىرگىنىدىغان ئىشلارغا قارشى تۇرغاندىلا، ئەمەلدار بولۇپ، خەلققە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

  كۈرەش قىلىش تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب بەردى. ھازىر، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھان يولىغا قەدەم قويدى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. لېكىن يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەرەققىياتتا يېڭى ئاياغ كىيىپ كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. نەتىجىنىڭ ھەممىسى ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، ھەقىقىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن نەتىجىنى ھەقىقىي ياراتقىلى، ھەقىقىي نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، شوئار شەكلىدە، ئىپادە بىلدۈرۈش شەكلىدە، ئوراپ قاچىلاش شەكلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشلارغا قارىتا دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، چىڭ تۇتۇپ تېز بېجىرىش كېرەك، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرگە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش، تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىش روھى بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا بولۇش تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلان تۈزگەندە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەش، مەشغۇلات قىلغاندا ئىنچىكە، دەل ۋە ئورۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەشتە تىكىش ماھارىتى بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا، جايىدا ئىشلەش كېرەك. تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل، تۆھپە قوشۇشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ، دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، ھەقىقىي تۇتىدىغان غەيرەت، دادىل تۇتىدىغان جاسارەت، ماھىرلىق بىلەن تۇتىدىغان پاراسەت، دائىم تۇتىدىغان چىدامچانلىق بىلەن ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن گۈزەل پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. قەلبىمىزگە پۇقرالارنى پۈكتۇق، قولىمىزدا ھەقىقەتنى تۇتتۇق، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىشقا ئىشەنچىمىز تولۇق، كۈچىمىز يېتەرلىك. يېڭى مۇساپىدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۇقرالارنىڭ غەم-ئەندىشىسى، ھال- ئەھۋالىنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ تۈپ مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ