مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

2021.10.26 10:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى غايەت زور جاسارىتى، قەتئىي ئىشەنچى ۋە مىسلىسىز سالماقنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ يەر شارى كېلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  يەر شارى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر ماكانى. ئىنسانلار ئۆزى ئۈستىدە بىر مەيدان ئىنقىلاب قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل يەر شارى بەرپا قىلىش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى» يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش چوڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ يەر شارى يۇرت-ماكانىمىزنى قوغداشتا قوللىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھەرىكەت بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلىشى كېرەك. جۇڭگو ئىزچىل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش ھەرىكەت تەرەپدارلىرى بولۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ھاسىل قىلىنىشى ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى. بۇلتۇر 75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ: «جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030-يىلىدىن بۇرۇن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دەپ جاكارلىدى. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسى. بۇ قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان «پىكىر»دە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ۋاقىت جەدۋىلى» ، «يول خەرىتىسى» تۈزۈلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى. «پىكىر»نىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيەت، بۇنى باشقىلار بىزدىن تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، يېشىل تەرەققىياتنى جەزمەن زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا تىرىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش بىر مەيدان كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، ھەرگىزمۇ ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. دۆلىتىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىنمۇ قىسقا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن كاربوننى نېيتراللاشقىچە بولغان ۋاقىتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، شۈبھىسىزكى بىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە مۇھتاج. بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش بىلەن بىخەتەرلىك، بىر پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىك، قىسقا مۇددەتلىك بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك، قۇرۇش بىلەن بۇزۇش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك، كۆپ ئۆلچەم مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە كىرگۈزۈپ، «پىكىر»دىكى تەلەپ بويىچە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بوشلۇق ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  گېپىدە تۇرۇش، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىش كېرەك. «پىكىر»دە «14-بەش يىل» مەزگىلى ۋە 2030-يىلىدىن، 2060-يىلىدىن بۇرۇنقى ئىككى مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى مەۋقە قىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر تەڭشەش، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۈچەيتىش، كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قانۇن-نىزام ئۆلچىمى ۋە ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش قوزغىتىش، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن راۋان بولۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، «پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا بولغان بىر مەيدان چوڭ سىناق. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تۆمۈرنى تۇتسا ئىز قالدۇرغۇدەك غەيرەت بىلەن 2030- يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نۇرى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ