مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنىزور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھى شەجەرىسى توغرىسىدا

2021.09.14 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 12–كۈنى، سىچۇەن ۋېنچۈەندە 8 بال پەۋقۇلئاددە قاتتىق يەر تەۋرىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز تارىختىكى قۇتقۇزۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز، سەپەرۋەرلىك دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۈچ ئەڭ زور بولغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھاياتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزۇپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان،ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېگىلمەس-سۇنماسئۇلۇغ روھىنى شەكىللەندۈردۇق. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
سىچۇەن ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ كۈچلۈك، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى. مەركەزدىن يەرلىككىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، ئىلمىي قوماندانلىق قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلق بىلەن باشتىن-ئاخىر قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولدى؛ ئاپەت رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزگىرىشتىن قورقۇپ قالماي، تەمكىن قوماندانلىق قىلدى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنى باشلاپ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خارابىلىكتىن باتۇرلۇق بىلەن دەس تۇرۇپ، مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى؛ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي قوشۇن ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى؛ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئاپەت رايونىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاپەت رايونىغا رىشتە باغلاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈردى. بۇ پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەم بۇ دۇنيادىكى زور ئازاب-ئوقۇبەت، ھەم ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى زور سىناق بولدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ زور غەلىبىسى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو قۇدرەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئىگە، خەلق جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلق ئارمىيەسى خەلقنى قوغدايدىغان پولات سېپىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي خىسلىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى، بىز ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، بىز غايە ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئېتىقاد ئارقىلىق قەيسەرلىكنى يېتىلدۈرۈپ، چىن ھېسسىيات ئارقىلىق غەمخورلۇق قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەر جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان مىللىي خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق؛ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئېگىلمەي -سۇنماي، ئېغىر ئاپەت ئالدىدا باش ئەگمەي، ھايات-ماماتلىق كۈچ سىنىشپ، كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ–خەتەر ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەي، جىسمانىي كۈچ چېكى، روھىي چەك، ياشاش چېكىگە قەيسەرلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، قەيەردە ئاپەت ئەھۋالى خەتەرلىك، جىددىي بولسا شۇ يەرگە ئاتلىنىپ، قەيەردە ھايات–ماماتلىق سىناق بولسا شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، قەيەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بولسا شۇ يەرگە يىغىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك مىللىي پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق؛ ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئۆلۈم بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھاياتلىققا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىلىم-پەنگە يۈكسەك ھۆرمەت قىلىپ، ھەم ئادەمنىڭ پائالىيەتچانلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەم پەن-تېخنىكىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەقىل-ئىدراكنى قەدىرلەيدىغان مىللىي خىسلىتىنى نامايان قىلدۇق. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھى ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىستىك روھىنى، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مىللىي روھى ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ دەۋر روھىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈردى ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇردى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
13يىل ئۆتۈپ كەتتى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. يىڭشيۇنىڭ يېڭى كوچىسى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى؛ خەنۋاڭدىكى مەكتەپ ھاياتىي كۈچكە تولدى؛ چياڭزۇلارنىڭ ھويلا-ئارام سەيلىگاھىنىڭ سودىسى روناق تاپتى؛ بېيچۇەن سانائەت باغچىسىدا ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ... يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا مۆجىزە ياراتتۇق. ۋېنچۈەندىن يۈشۇغىچە، جوۋچۈدىن لۇشەنگىچە، بىز ئاپەتنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈردۇق، شۇنداقلا ئاپەتتە تېخىمۇ ئىگىلمەس- سۇنماس روھنى يېتىلدۈرۈپ، چەكسىز كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.
2018-يىلى 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋېنچۈەن ناھىيەسى يىڭشيۇ بازىرى شۈەنكوۋ ئوتتۇرا مەكتىپى خارابىسىگە كېلىپ، يەر تەۋرەش خارابىسىنى چوقۇم ياخشى قوغداپ، ئۇنى مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تاپىلىدى. ئىتتىپاقلىق كۈچ، جان تىكىپ كۈرەش قىلغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا -مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ئۇيۇشۇش كۈچىنى شۇنچە ئاشۇرۇش، جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر قانچە ئېغىر بولغانسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى شۇنچە ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىز تەييارلىق قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تاقابىل تۇرساقلا، سەپەردىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تامامەن بىمالال تاقابىل تۇرالايمىز، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز. بىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
جاپا-مۇشەققەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن پۈكلىنىپ كەتمىگەن، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىن غەيرەتكە كەلگەن. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم بارلىق خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايمىز!



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ