مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىرىشىپ چوڭ ئىشلارغا يارايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان تايانچ ئىختىساسلىقلاردىن بولايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.09.07 18:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئادەمدە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشتە.

  2021-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش كادىرلارغا «ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، تۆۋەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، تىرىشىپ ئۆگىنىش، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش، ماھارەتنى ئاشۇرۇش» ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياش كادىرلارنى تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىققا ئىلھاملاندۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى كەڭ ياش كادىرلارنى ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە قەتئىي ئىرادە باغلاپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ يول ئېچىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى يازدى. 100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭراتتى. پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلىنىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەب دەل ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە.

  نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك كۈرەشلەر قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ھېچ بولمىغاندا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئەگىشىپ كېلىدۇ. ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتكە ئىگە كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش شەرت. ياش كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى رولنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پۇختا مېڭىپ، يىراققا مېڭىپ، ئالىيجاناب غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايدۇ؛ ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىقتىن، مەسئۇلىيەتتىن قاچماي دادىل، قەتئىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن پارتىيەگە، خەلققە، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ؛ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، «ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆز بويامچىلىق قىلىشىدىن قورقماي»، «قالايمىقان بۇلۇتلار ئۇچۇپ ئۆتكەندە يەنىلا تەمكىن» بولغاندىلا، ئاندىن كوممۇنىستلارنىڭ بىدئەتكە ئىشەنمەيدىغان، جىندىن قورقمايدىغان، سۆڭىكى يۇمشىمايدىغان جاسارىتى، ۋىجدانىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؛ پەقەت قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، دۇرۇس بولۇش، پەزىلەتلىك بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇش، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئۆزىنى چىڭ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئادالەتنى ياقلاپ، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ؛ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ماھارەتنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىلىم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پىچاقنى تاشتا بىلەش كېرەك، ئادەم ئىشتا مەشىق قىلىشى كېرەك، بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ، جاھاننى كۆرمەي تۇرۇپ، چوڭ نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.» كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئۇدۇل يول يوق، قاتتىق ئىدىيەۋى چېنىقىش، سىياسىي چېنىقىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىش، كەسپىي مەشىقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشلەردە بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپنى كۆرۈپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تايانچ ئىختىساسلىقلارغا ئايلانغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى قىيىنچىلىق قانچە زور، زىددىيەت قانچە كۆپ، ۋەزىيەت قانچە كەسكىن، ئەھۋال قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، جاسارەتنى شۇنچە چېنىقتۇرغىلى، ئىرادىنى چېنىقتۇرغىلى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە، ياش كادىرلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەش داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام چېنىقىش داۋامىدا تەجرىبە توپلاپ، ھەقىقىي كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت ئارقىلىق رولىنى نامايان قىلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل. ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب بەردى. ھازىر، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەنە يېڭى ئىمتىھان يولىغا قەدەم قويدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم داۋاملىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ