مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.09.07 10:04 مەنبە: خەلق تورى

  ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغاندىلا، مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021-يىللىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش كادىرلارنىڭ ئىچكى ماھارەتنى ياخشى چېنىقتۇرۇشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا «قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك»، «ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش» مۇھىم تەرەپ.

  تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى بىلدۈرىدۇكى، بىر سىياسىي پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش- چىقالماسلىقى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بۇ سىياسىي پارتىيە، بۇ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى - خارابلىشىشىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەمىز ئەزەلدىن ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ كەلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ئىشقا قويۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كادىرلارنى تاللاش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە ھەم ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم قابىلىيەتكىمۇ سەل قارىماسلىقنى تەكىتلىگەنلىك. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغاندا، پەقەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرگەندىلا، ئاندىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ياش كادىرلار پەقەت پاكلىق بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق بىلەن پاكلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى دۇرۇس بولۇش، ئۆزى پاك بولۇش، بېلى چىڭ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ھەم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، چاتاق چىقارمايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىغا ئايلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز كوممۇنىستلارنىڭ مەقسىتىمىز ئادالەت، ساقلايدىغىنىمىز ھەقىقەت، ئىنتىلىدىغىنىمىز ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ مۇھىمى دۇرۇس، ھەققانىي بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىغا قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، دۇرۇس، زەررىچە چاڭ-توزاننى ئۆزىمىزگە قوندۇرمايدىغان ئادەم بولۇشىمىز كېرەك.» ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۆزىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك. تەربىيەلىنىشتە تەلەپچان بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغىلى بولىدۇ. بىر كادىر دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىنىڭ يا كىرىچىنى چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى ئاڭ، مەنىۋى مەنزىلنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىقتىن چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك يۈكسەك ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئومۇمىي ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ تۈپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت قىلىش كېرەك؛ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇپ، يالغۇز تۇرغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب ئادەم بولۇش، ساپ ئادەم بولۇش، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇش، چاكىنا ھەۋەسلەردىن خالىي ئادەم بولۇش، خەلققە پايدىسى تېگىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك. قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا ئالدى بىلەن ئەيمىنىدىغان قەلب بولۇش كېرەك. قەلبتە ئەيمىنىش بولسا، ئاندىن گەپ-سۆزدە ئېھتىيات قىلغىلى، ھەرىكەتكە چەك قويغىلى بولىدۇ. كادىرلار چوقۇم ئەيمىنىشنى بىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، پارتىيەدىن ئەيمىنىپ، خەلقتىن ئەيمىنىپ، قانۇن - ئىنتىزامدىن ئەيمىنىپ، باشتىن - ئاخىر كۆڭلىدە ئەيمىنىش بار بولۇشنى، ھەر دائىم ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆز مەيلىچە ئىش قىلماسلىقى، يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكى، قائىدىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز مىسلىسىز ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، ئەگەر بىلىمىمىز يېتەرلىك، نەزەر دائىرىمىز كەڭ، ئىقتىدارىمىز كۈچلۈك بولمىسا، ئىشلارغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويىمىز.» ئاجىز مۈرىدە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. مەيلى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا بولسۇن ياكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە بولسۇن، كەڭ مۈرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پولاتتەك مۈرىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز؛ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ماھارەتنىڭ يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇشىغىمۇ ئېھتىياجلىق بولىمىز. ياش كادىرلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەپەككۇرى جانلىق، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، دەل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان چوڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، بىر دەقىقىمۇ توختىماي يۈكسىلىشى كېرەك. «ۋاقىت چىقىرىش» بىلەن «ئىزدىنىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتابتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش كېرەك. خىزمەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇن، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، باشقۇرۇش، ئېكولوگىيە، خەلقئارا قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىلىم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندە ھەقىقىي بىلىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەقىقىي قابىلىيەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى مۇقەررەر يول. ياش كادىرلار ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈپ، تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، قاتمۇقات چېنىقىش داۋامىدا تەجرىبە توپلاپ، ئىقتىدارىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي چېنىقتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت ئارقىلىق نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى، بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىشى كېرەك. قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە كۈچى، چىدامچانلىق كۈچى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، يېڭى ساھەلەر بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، يېڭى نەزەر دائىرىسىنى ئاچقاندىلا، كەڭ ياش كادىرلار چوقۇم يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ