مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىرقچىلىق ئامېرىكانىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن قالدۇق زەھەر

2021.08.19 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن 17 ئىشتاتنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا «سىرتماق»بارلىقى بايقالغان. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىرقچىلىق تىل مۇھىتىدا «سىرتماق» ئۆز ئالدىغا جازالاشتەك يوشۇرۇن مەناغا تىمسال قىلىنىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بولۇپ، ئىرقىي ئۆچمەنلىكنىڭ بىرخىل سىمۋولى بولۇپ قالغان. بۇ گېزىتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىرقچىلىق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنىڭ يەنە بىردەلىلى».

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، فلويىدنىڭ چۇقانلىرى ھېلىھەم كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىرقچىلىق مەسىلىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ ناھايىتى ئېنىق جاۋاب كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 7- ئايدا ئېلان قىلغان گاللوپ شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، % 64 ئامېرىكىلىق ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان، 2016- يىلدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئىنت ئاشقان، دەپ قارىغان. يەنە بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نەچچە ئاي داۋاملاشقان «ئاسىيالىقلار پۇشتىنى كەمسىتىشكە قارشىتۇرۇش» پائالىيىتىدىن كېيىن، بۇ يىل ئامېرىكىدا ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغانلارنى كەمسىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىش نىسبىتى يەنىلا 2020-يىلدىكىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇنداق نەتىجە ئويلىمىغان يەردىن چىقتى. ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، بۇئاتالمىش «تاغ چوققىسىدىكى شەھەر»دە تۇغۇلۇشىدىنلا پەيدا بولغان غەلۋىرەك يارىسى بولۇپ، بۇ يارىدا نەچچە ئەسىردىن بۇيان توختىماي. قان-يىرىڭ ئېقىۋاتىدۇ. خۇددى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ئېيتقاندەك «ئىرقىي كەمسىتىش تۇرمۇشىمىزدىكى ھەرقايسى تۈزۈملەردە مەۋجۇت بولۇپ، تەسىرى چوڭقۇر، بۇ ئامېرىكا گېنىنىڭ بىر قىسمى».

  تارىخقا نەزەر سالساق، ئامېرىكا پەخىرلىنىدىغان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»غا ئىمزا قويغان 56 ۋەكىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇلدارلار. «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى»نىڭ رەسمىي نۇسخىسىدا قۇل سودىسىنى ئەيىبلەشكە ئالاقىدار مەزمۇنلار ئۆ چۈرۈۋېتىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت قۇرغاندىن باشلاپ «غەربكە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى»دە ئىندىئانلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلغان، قۇللۇق تۈزۈم ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ھەرىكىتىنى ئۇزاقمۇددەت يولغا قويغان، يەنە «جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانغا قەدەر بولغان ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئەمەلىيەتتە ئىندى ئانلارنىڭ قان-ياشلىق تارىخى، نېگىر قۇللارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە تارىخى، ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادلىرىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچراش تارىخى بولغان.

  رېئاللىققا قايتىپ كەلسەك، ئىرقچىلىق ئامېرىكىدا بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا، ئاقتەنلىكلەر ھەممىدىن ئەلا قارىشى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى دوكلات قىلغان 8302 قېتىملىق ئۆچمەنلىك جىنايىتى دېلوسىدا، % 57.6 دېلو ئىرقچىلىققا چېتىلىدۇ، 2020- يىلى، ئامېرىكا ساقچىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن 1127 ئادەم ئىچىدىكى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 28 بولۇپ بولغان؛ 2020- يىلى، ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك جىنايىتى % 149 ئاشقان؛ يۇقۇم ئەھۋالىدا، ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى، دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئاقتەنلىكلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى بولسا ئاقتەنلىكلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان... ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى»دە «ئىرقچىلىق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى سىزىقلارنى يېرىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى، يۇلتۇزلارنى ئويمان-دۆڭلەرگە ئايلاندۇردى» دەپ مەسخىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ