مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاق تاشلىق كىتاب دۇنياغا ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

2021.07.15 12:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى پارلامېنتقا بىر پارچە دوكلات سۇنۇپ، جۇڭگونى «ئىرقىي يوقىتىش خەۋپى يۇقىرى دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى ھەمدە شىنجاڭنى زوراۋانلىق خەۋپى يۇقىرى رايون دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن«ئىككى يۇمۇر» ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  ھەقىقىي پاكىت ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ چاقچاقلىرى ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. 7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، جانلىق دېلو مىساللىرى، تولۇق دەلىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسىنى ھەقىقىي ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى ۋە بىمەنىلىكىنى دۇنياغا يەنىمۇ نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ جۇڭگونىڭ گۆھەر زېمىنى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. 1949-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇپ، ئورتاق ھالدا ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولدى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق ۋە مۇقىم قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇررۇپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۈرتى.

  ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغى، ھەيۋەتلىك، گۈزەل كوئېنلۇن شىنجاڭنىڭ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، گۈزەل گۈللەر ئېچىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرى شىنجاڭدا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەيلى پۇقرالار ھوقۇقى كاپالىتى، سىياسىي ھوقۇق كاپالىتى، ئىقتىسادىي ھوقۇق كاپالىتى بولسۇن ياكى مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالىتى، ئىجتىمائىي ھوقۇق كاپالىتى، ئاياللار، بالىلار ھوقۇقى كاپالىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى كاپالىتى بولسۇن، ھەممىسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ۋە ئىتتىپاق ئۆتۈپ، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال ئاق تاشلىق كىتابقا، گۈزەل شىنجاڭ تۇپرىقىغا يېزىلغان. بۇ پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، پاكىتنى بۇرمىلايدىغان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان ھەرقانداق يالغانچىلىق ئۆزلۈكىدىن پاش بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ