مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شان-شەرىپى

____ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا

2021.07.05 11:11 مەنبە: خەلق تورى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شان-شەرىپى! بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شان-شەرىپى! بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شان-شەرىپى!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت:-جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.» 1000 يىللىق ئارزۇ، 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ھارماي-تالماي ئىنتىلىدىغان گۈزەل ئارزۇ رېئاللىققا ئايلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، تارىخ بۇ شان-شەرەپلىك پەيتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!

  «پۇقرالار بەك جاپا-مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان چاغ كەلدى.» ھاللىق جەمئىيەت ___ جۇڭخۇا مىللىتى قەدىمدىن تارتىپ ئىنتىلىپ كەلگەن غايىۋى جەمئىيەت ھالىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئالدى بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى شەرھلەپ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا «جۇڭگودا ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش» كۈرەش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ نىشان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئېشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى يېتىپ كەلگەندە، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ___ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئاساسىي جەھەتتىن ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۈرەش نىشانى، خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەم بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ غايىسىنى چوڭقۇر نامايان قىلدى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى بوشاشماي ئىنتىلىشىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  100 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق، 100 يىللىق شانلىق نەتىجىلەر. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىشلەپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈگۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى چالدى. 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 تىرىليون يۈەندىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتتى؛ سەككىز يىلدىن بۇيان ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئومۇميۈزلۈك غەلىبىگە ئېرىشتى؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 360 مىليون كىشىنى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد كىشىنى قاپلاپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرغان تۈرلۈك تەرەققىيات نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ باي، قۇدرەتلىك، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشتەك يېپيېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

  دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قەدەم تاشلىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۆتكەن 100 يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانىنى بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم تاشلىدى.» بۇ بىزنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشىمىز، يەلكەن چىقىرىپ يەنە يولغا چىقىشىمىز ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ