مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

2021.07.01 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىدۇ، ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. «1-ئىيۇل»نىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى، مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ بولغان «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى تۇنجى قېتىم تارقىتىش، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلغارلارنى ئۇلۇغلايدىغان، ئەخلاقلىق، تالانتلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم، زور شۇنداقلا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى ھەم ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتقانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك-دۇرۇس بولۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھىنى چوڭقۇر يىغىنچاقلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، چوڭقۇر ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پاك-دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا ۋە رىغبەتلەندۈرمەكتە! بىر ئۈمىدلىك مىللەتتە قەھرىمانلار بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارتلار بولمىسا بولمايدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىرادىسىدىن قايتماي ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ يول ئاچتى، ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئۇلۇغ روھنى تاۋلىدى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا سەلتەنەتلىك سەھىپە پۈتتى. 100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقىلار يىقىلسا كېيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى. «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە ئۇرۇشتا ئاجايىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، نۇرغۇن جەڭگە قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر بار؛ ھاياتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بار؛ مول نەزەرىيەۋى ساپا ۋە مەشغۇلات ماھارىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بار؛ قىزىل گېن ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، روھنى تاۋلىغان مائارىپ خىزمەتچىلىرى بار؛ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان، ئىرادىسىدىن قايتماي ئۆزىنى بېغىشلىغان ئالىملار بار؛ ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلغان دېھقان-چارۋىچىلار بار... ئۇلار پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ياراتتى.

  ئۈلگە كۆرگىلى بولىدىغان پەلسەپىۋى قائىدە بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى پەزىلىتىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بۈگۈن تەقدىرلەنگەن <1-ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەر دەل ھەرقايسى سەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك-دۇرۇس بولۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناپ پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھى جانلىق نامايان بولدى.» ئېتىقادنى چىڭىتىش دەل ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس غايە-ئېتىقادى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلاپ، پارتىيەنىڭ غايە-ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرانە كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش دېگەنلىكتۇر؛ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش دەل خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا چىڭ تايىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پۇقرالارغا بەخت يارىتىش دېگەنلىك بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئالىيجاناب مۇھەببىتىنى شەرھلىدى؛ جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش دەل پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى كىشىلىك ھايات نىشانى قىلىپ، جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، تىز پۈكمەسلىك دېگەنلىك بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خالىس، قورقماس ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى؛ پاك-دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەش دەل كوممۇنىستلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي-ساددا ياشاش، ئومۇمنىڭ ئىشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ساقلاپ، ئەزەلدىن تۆھپىكار دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويماي، شەخسىي پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، راھەت-پاراغەتكە بېرىلمەي، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، كوممۇنىستلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق، سالاپەتنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

  يېڭى دەۋر قەھرىمانلارغا موھتاج بولىدىغان ھەم قەھرىمانلارنى چوقۇم مەيدانغا كەلتۈرىدىغان دەۋر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر دەۋر ئاۋانگارتىغا، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى جەزمەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ، ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يارىتىدۇ. «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئۈن-تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاددىي قەھرىمانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەنگىلى، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىنتىلگىلى، يەتكىلى بولىدۇ. ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى پەقەت غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، چىدامچانلىق ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولغاندىلا ھەربىر پارتىيە ئەزاسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش داۋامىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك-دۇرۇس بولۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلەت ۋە يۈكسەك روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرساقلا، بىز چوقۇم كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىيالايمىز، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا مەڭگۈ ئېرىشەلەيمىز.

  بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغ دەۋر، بىز قىلىۋاتقان ئىشلار ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلار، بىز شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق ئىشلىرى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور شان -شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ