مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شانلىق نەتىجىلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، يېڭى مۇساپىسىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنايلى

2021.06.23 13:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىيوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، نۇقتىلار تۇتاشتۇرۇلۇپ، تورلاشتۇرۇلۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو گۈللىنىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە تولدى.» دەپ كۆرسەتتى. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى چۈشىنىشى، جۇغراپىيەلىك، ئادىمىيەت ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلىشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مەخپىي رېتسىپىنى چۈشىنىشىنى مۇھىم ھەم ئۆزگىچە نەزەر بىلەن تەمىنلىدى.ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ مېڭىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ؛ باۋتوۋ-ماۋمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن قوزغىلىپ قىزىل سەپەرنى باشلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت-بۇرچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا، يول بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئورتاق قەدەم قويغانلىقىغا گۇۋاھ بولغىلى بولىدۇ... يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ھەر قايسى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ مېڭىپ، يول بويى كۆرۈپ، بىۋاسىتە ھەمتۈرتكە بولۇش، زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىش، نەق مەيداندا مەلۇمات بېرىش، ساياھەت خاتىرىسى يېزىش، مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك شەكىللەر ئارقىلىق، تارىخىي چوڭقۇرلۇق، جۇغراپىيەلىك، ئادىمىيەت، تەرەققىيات ئۆزگىرىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق كۆپلىگەن نۇقتىدىن 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.

  جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى دېگۈدەك كېسىپ ئۆتىدىغان بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۇلانبۇخ، تېڭگىر، بادان جىلىندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپىنى 1300 كىلومېتىرغا يېقىن قىسقارتتى؛ يولنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يانتۇ يول بولغان يائەن-شىچاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دەريالاردىن ھالقىپ، تاغ تىزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، «مۈشكۈل سىچۈەن يوللىرى»نى «راۋان سىچۈەن يولى»غا ئايلاندۇردى؛ دۇنيا تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدا قۇرۇلۇش قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان كۆۋرۈك __ شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى لىڭدىڭياڭدا تېزلىكتە قۇرۇلۇپ، تەبىئىي توسالغۇنى راۋان يولغا ئايلاندۇردى... قاتار-قاتار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار گۈزەل تاغ-دەريالارنى كېسىپ ئۆتۈپ، قەدىمىي يوللاردىكى تەبىئىي توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كىشىلەر راۋان يۈرىدىغان، ماللار راۋان توشۇلىدىغان جانلىق مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەردى. 1988-يىلى شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ، 2013-يىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 161 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، شەھەر رايونىدىكى نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان %99 شەھەر ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي مەركەزنى قاپلىدى... ئېلىمىز شەرق بىلەن غەربنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنى بەرپا قىلىپ، بايلىقنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاش تەرەققىيات تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنى قاتناش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  كىشىلەر تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگونى كۆردى. ئىلگىرى خارابىلىككە ئايلانغان، نامرات، ئاجىز، كەمبەغەل، قالاق دۆلەت بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1-چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 10 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئىلگىرى ئاچارچىلىققا بەرداشلىق بەرگەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك كەمچىل بولغان، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان جۇڭگو خەلقى بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن كىيىش-تويۇش، ئاندىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «بىز ھەممىمىز تىرىشىپ يۈگۈرۈۋاتىمىز، ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر».تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ، كىشىلەر بىر پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئەسلىي مەقسىتىنى ھېس قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى دەل خەلقنىڭ رايى بولۇپ، خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى»، ئىنقىلاب مەزگىلىدىن باشلاپ يەرلىك زومىگەرلەرنى يوقىتىش، يەر تەقسىم قىلىش، نامراتلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىشتىن قۇرۇلۇش يىللىرىغا كەلگەندە، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تاغ-دەريالارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقىچە؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشنى كەڭ كۆلەمدە، پىلانلىق، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، داغدۇغىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بەرگىچە... پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەش تارىخىدۇر، ئۇ مەيلى قانچىلىك خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، قانچىلىك قۇربان بېرىشتىن قەتئىينەزەر، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدىن قىلچە تەۋرەنمىدى.

  ئەڭ گۈزەل مەنزىرە يولدا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئالدىمىزدا. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سالساق، كۆز ئالدىمىزدا دەۋر ئېقىمى ئۆركەشلەپ، قەلبىمىزدە جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشنىڭ كۈچى ئۇرغۇيدۇ. ھازىر، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش سىگنالى چېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسە چوقۇم تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئېچىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ