مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

2021.01.06 19:17 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامىنى» بېسىپ تارقاتتى. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى دەۋرگە يۈزلىنىپ، بىرلىك سەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش __ يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي مىزانى قىلىندى.

  بىرلىك سەپ − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى، ئەزەلدىن پارتىيەنىڭ باش لۇشيەنى، باش سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، ھازىرقى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكىنى، مۇھىملىقتىن قالغىنى يوق، بەلكى تېخىمۇ مۇھىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر بىرلىك سەپ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  «نىزام»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش شەرت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − بىرلىك سەپنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، بىرلىك سەپنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى بولىدۇ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى بولىدۇ. «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپتىكى سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، «يۇلتۇزلار ئاينى چۆرىدىگەن» ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «نىزام»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش شەرت. بىرلىك سەپ خىزمىتى چېتىلىدىغان خىزمەت تارماقلىرى كۆپ، ساھە كەڭ بولۇپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ھەم بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ مۇھىمى پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلىشىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەرلىك پارتكوملار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم-مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «نىزام»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش شەرت. بىرلىك سەپ خىزمىتى بىر قامۇستۇر، ئۇنىڭ مەزمۇنى مول. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. بىرلىك سەپ تارماقلىرى سىياسىي ئورگانلارنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسپىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، كەسىپكە پىششىق، ئىستىلى دۇرۇس بولغان بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا چوقۇم بىرلىك سەپ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى دەل يېڭى دەۋر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۈپ سىياسىي تەلىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇش، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەيداندا ئىرادىنى ساقلاش، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاشتا ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش − يېڭى دەۋر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ مۇقەررەر يولى، بىرلىك سەپ دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، نەزەرىيە-سىياسەت، تەپەككۇر-ئىدىيە، شەكىل-ئۇسۇل ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغاشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، بىرلىك سەپنى ھەقىقىي ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر بىرلىك سەپ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ