مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

−− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.12.25 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇنلىشىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ھەجمى قانچە چوڭ، دولقۇن قانچە چوڭ بولغانسېرى، رولچى بولۇپ يول باشلاش شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارادىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

  ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەممىسى تامامەن توغرا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەرنى تىزگىنلىيەلەيدىغان پىشقان ئىقتىدارغا، جۇڭگو ئىقتىسادى غايەت زور پاراخوتىنى باشلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يۈكسەك ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ھەرقانداق خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان يۆلەنچۈكىمىز. ھازىر، ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى كېسىشىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خەۋپ-خەتەر قانچە كەسكىن بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى غايەت زور پاراخوتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى ياخشى تىزگىنلەش-تىزگىنلىيەلمەسلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش-ساقلىيالماسلىق نېگىزدىن ئېيتقاندا پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان-قىلدۇرمىغانلىقىدا بەلگىلىنىدۇ.» پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ئىزدىنىش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز بىر يۈرۈش پىشقان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم شەكىللەندۈردى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە «ئىككىنى قوغداش» تەلىپىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتىن پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تۈزۈملىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا كۆڭلىدە سان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، نېمىنى تەكىتلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، نېمىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئەتى ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوغداشقا تېگىشلىك مەيدان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي نەزەر بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كەسىپلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايلىنىپ، دەرس تولۇقلاش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، نېمىنى قىلسا شۇنى ئۆگىنىپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاپ، دەۋر ئېقىمىغا ئاڭلىق يېتىشىۋېلىشى كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشتىن ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئالاھىدە مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلايمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولساقلا، بىز جەزمەن ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇپ، «14-بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ