مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلايلى

−− مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.12.24 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كېلەر يىلى ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل بولۇپ، «14-بەش يىل»نى باشلاش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىلمىي ئىگىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  «14-بەش يىل» − ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش باسقۇچى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇ ھەم بىر قاتار يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەم بىر قاتار يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانغاندىلا، ئاندىن ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلىغىلى بولىدۇ.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «14-بەش يىل»دا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، تەرەققىيات مۇھىتى، تەرەققىيات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم. بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش لازىم. كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك؛ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى تىرىشىپ مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش لازىم. جايلار، تارماقلار باتۇرلۇق بىلەن شامالغا قارشى كېمە ھەيدەپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش بىزدىن كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، كېلەر يىللىق ماكرولۇق سىياسەتتە ئىزچىللىق، مۇقىملىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىتا زۆرۈر قوللاش سالمىقىنى ساقلاپ، سىياسەت مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ دەل، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جىددىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلماي، سىياسەتنىڭ ۋاقىت، دەرىجە، ئۈنۈمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇپ، مۇۋاپىق چىقىم سىجىللىقىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتىدە جانلىق، دەل، مۇۋاپىق بولۇشنى ساقلاپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن نومىنال ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىشىنى ساقلاپ، ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بانكا كاپىتالىنى تولۇقلاپ، زايوم بازىرى قانۇنچىلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېشىل تەرەققىياتقا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. بىز ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش رېتىمى ۋە سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئەڭ ياخشى سىياسەتنى بىرىكتۈرۈپ ۋە ئەڭ زور ئومۇمىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  «13-بەش يىل» ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، «14-بەش يىل» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران-چاپقۇنغا قارىمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ