مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەيلى

___ شېنجېن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2020.10.14 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش − پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور تەدبىرى. 40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمدى باشلانغان مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېن، جۇخەي، شەنتوۋ، شيامېندىن ئىبارەت تۆت ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇپ، ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىزچىل تۈردە ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىپ، قايناق ھېسسىياتقا تولغان «باھار ھېكايىسى»نى يېزىپ كەلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەنگەن شېنجېن 40 يىلدىن بۇيان سېھرىي كۈچكە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە تولغان خەلقئارالاشقان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شەھەرگە ئايلاندى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا %20.7 لىك سۈرئەت بىلەن تېز ئاشتى، 2019-يىلى 2.69 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيانىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شېنجېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭغا، شېنجېنغا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك شەھەرلەرنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى ئادا قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ئەۋزەللىكنى يارىتىپ، يېڭى پەللىگە چىقتى.

  شېنجېن − ئېلىمىز ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، 40 يىلدىن بۇيان شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا تەجرىبە ئېتىزى بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ