مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، غەم-ئەندىشىسى ۋە ھال-ئەھۋالىنى ھەمىشە كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەك

2020.07.28 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن مەقسەت تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا چوقۇم خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم نەتىجە، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىشىمىز كېرەك .

  جىلىن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، غەم-ئەندىشىسى ۋە ھال-ئەھۋالىنى ھەمىشە كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا، باش شۇجى پەن تەتقىقات خادىملىرىغا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە قارا تۇپراقتىن ئىبارەت بۇ «تېرىلغۇ يەرنىڭ چوڭ مۈشۈكئېيىقى»نى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى خەلققە مەڭگۈ بەخت يارىتىدىغان قىلىشنى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائال يۆلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىشنى، يەنە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ، خەلق داھىيسىنىڭ روشەن خەلق مەيدانى ۋە سەمىمىي رەۋىشتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

  خەلق تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ سىياسىي ئىشتۇر. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، يەنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىلدىن-يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئۆزگىرىشنى تىرىشىپ ئاممىغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پائال كۆپەيتىپ، ئىشسىزلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە شەھەر-بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نوقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنسېرى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى شۇنچە چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ