مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرايلى

2020.07.02 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەر بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەندە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىمۇ بىر قەدەم يېتىشىپ ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىدى، ماركسىزم بىلەن، بولۇپمۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىكتە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتتى. ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى پەزىلىتى دەل ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان بۇنداق نەزەرىيەۋى پەزىلەت − پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىقىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى. دەل ئاساسىي نەزەرىيە ۋە يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمىتى دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىققا باي بولۇپ، مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىشنىڭ تۈپ نېگىزى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايراقنى كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، رولنى تۇتۇپ يول باشلىشىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە. بۇ ئىلمىي نەزەرىيە تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ دەۋر قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئىرادىسى، سىياسىي مەيدانى، سىياسىي تەشەببۇسىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيەۋى بايرىقى، پارتىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك قورال بولۇپ، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىجادىي تۆھپىسىنى قوشتى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ