مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ ھەقىقىي بايانى

2020.06.08 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  «بۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋىرۇس بىلەن بولغان ئۇرۇشى. ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن، ئەلپازى يامان كەلگەن يۇقۇم تەبىئىي ئاپىتى ئالدىدا، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى كەسكىنلىك بىلەن باشلىدى».

  7-ئىيۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىشتىكى جۇڭگو ھەرىكىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، «جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىشتىكى جاپالىق مۇساپىسى»، «ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى جەڭگاھتا ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش»، «يۇقۇمغا زەربە بېرىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش»، «ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىشتىكى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى جۇڭگو ھەرىكىتى، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپالىق مۇساپىسىنى ھەقىقىي خاتىرىلىگەن بۇ مۇھىم ھۆججەتتە خەتەرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمى ئوبيېكتىپ نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ياراتقان تاغنى تالقان قىلىدىغان، تىللاردا داستان بولغۇدەك روھى جانلىق نامايان قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  بۇ، يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان ئىنسانلار ئۇچرىغان تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان، يەرشارى بويىچە كەڭ تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئېغىر كرىزىس ۋە كەسكىن سىناق بولدى. نامەلۇم ۋىرۇسنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ، زور قۇربانلىققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ