مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس-ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.06.04 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر.

  6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس- ئالىملار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۈرىشىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولىنى مۇپەسسەل شەرھلەپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىگنال بېرىش-ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، مۇداپىئە تورى ئايرىش تېمىنى زىچ ئورنىتىش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلدى. سۆزنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە- ساغلاملىق ساھەسىدىكى زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى. پارتىيە ۋە دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتتى، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى، H7N9، ئېبولا قاناش قىزىتمىسى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى، ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ساغلاملىق − ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي شەرتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى». «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن-ئاخىر ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ