مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلققە يېقىندىن تايىنىش

-- خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا

2020.06.03 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى داتۇڭ يۈنجۇ رايونىدا، يۇرتداشلارنى جۈخارگۈلىنى بېيىش گۈلىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دۇشۇي شەھىرى شياۋلىڭ بازىرى جىنمى كەنتى ئەمدى «كىچىك قېرىنقۇلاق چوڭ كەسىپ بولۇپ قالدى» دەپ ماختالدى؛ جېجياڭ نىڭبو جۇشەن پورتىدا كىشىلەر "مەن 'تىرىشىپ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش'نى ئۈمىد قىلىمەن." دېگەن ئارزۇ بىلەن ئىشلىمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جايلاردىكى تەكشۈرۈش مۇساپىسىدە خەلقنىڭ كۈچىنى ماختىدى، ئۇلارنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بوران-چاپقۇننىڭ توسالغۇسىز ئىلگىرىلىشىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى مۇجەسسەملىدى.

  خەلق بولسا، تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىنى ھەمھە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچتۇر. "خەلق بولسا، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچى" دەپ تەكىتلەندى،ھەمدە "يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىش كېرەك" دەپ كۆرسىتىلدى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن مەدھىيەلىدى، ھەمدە جاراڭلىق سۆزلەر بىلەن روشەن ھالدا خەلق مەيدانىنى نامايان قىلدى ۋە خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەس بۇرچىنى ئىزاھلىدى، ھەمدە يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىنى نامايان قىلدى.

  دېڭىز بولسا تارام-تارام ئېقىنلاردىن ھاسىل بولغان؛ داستان بولسا، ئۇنى مىليونلىغان خەلق بىر-بىرلەپ يېزىپ چىققان. كەلگەن يولنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ۋە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى. ئارقا-ئارقىدىن تۈرلۈك توسالغۇلاردىن ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەڭ مۇھىمى، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىدا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ، باشتىن-ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق پارتىيەمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسىدۇر.

  خەلق ھەقىقىي قەھرىماندۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۈرىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى يېڭىشتا، بىزگە كۈچ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغىنى جۇڭگو خەلقى. تېببىي خادىملار جەڭگە ئاتلاندى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كەلدى، پارتىيىلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا تۇردى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلدى، سېختىكى ئىشچىلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىدى، پىدائىيلار خالىس تۆھپە قوشتى، مىليونلىغان خەلق ئۆزىنى ئاڭلىق قوغدىدى. ئەلپازى يامان ئۇ يۇقۇم ئالدىدا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزەپ، ئەڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشتۈرۈلدى. كەڭ خەلق ئاممىسى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇللۇق كۈچىنى شەكىللەندۈردى. يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئاممىنى تولۇق قوزغاپ، ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلسا، غەلىبە ھامان قەھرىمان جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ