مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، قايتا گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىش

___ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2020.05.28 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ياخشى تەدبىر قوللىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى غەلىبىلىك تاماملاپ 27-ماي بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتىدىغان يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئەزالار گۇرۇپپىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ياخشى تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭەشتى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى؛ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى ۋە ئۇنى قوللىدى.

  يىغىندا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، نەتىجىلەر مول بولدى، ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتتى.

  باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ، ھەممە ئىش جاپالىق تىرىشىشتىن قولغا كېلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بۇ ئېگىلمەي-سۇنماي ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يەلكەننى كۆتۈرۈپ يەنە يولغا چىقىش سەپەرۋەرلىكىدۇر. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، نىشانغا يېقىنلاشقانسېرى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تولىدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى كۈچلۈك كونترول قىلىشتەك ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىيالايمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ