مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە-تەدبىرلىك بولۇش، پائال نەتىجە يارىتىش

__ تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملايمىز

2020.05.27 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەسئۇلىيەت ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، قابىلىيەتلىك كىشى ئۇنى زىممىسىگە ئالالايدۇ. قانچىكى مۇھىم، زور تارىخىي پەيت رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى شۇنچىكى سىنىيالايدۇ.

  «ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان، خەتەرلىك پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي كوممۇنىست بولغىلى بولىدۇ»، كېسەل ئالۋاستى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش رايونىدا قەتئىيلىك بىلەن تىك تۇرۇش __ «چۈنكى مەن پارتىيە ئەزاسى»؛ ئاساسىي قاتلام تورىغا چۆكۈپ، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش __ «بىر پارتىيە ئەزاسى __ بىر بايراق»؛ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ غەم-ئەندىشىنى تۈگىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش __ «پارتىيەلىك كادىرلار ھەرۋاقىت تەييار»... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پەمى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

  ھازىر، يەر شارىۋى يۇقۇم ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىپ، بىزگە «نەپەس ئالىدىغان، دەم ئالىدىغان» پۇرسەت بەرمىدى. شۇنى چوقۇم چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرىدىغان، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە ھەم قۇرۇلما خاراكتېرىدىكى، تۈزۈلمە خاراكتېرىدىكى، دەۋرىيلىك خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ھەم يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى، شۇنداقلا يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق ۋەزىيەتتە تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاش بىر مۇھىم، زور سىناق، شۇنداقلا بىر مۇھىم تەكشۈرۈش بولۇپ، تاشقا يولۇقسا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سالىدىغان تاكتىكا ئىقتىدارىنى، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان جاسارىتىنى سىنايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە-تەدبىرلىك بولۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ