مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2020.05.25 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى ئىشەنچنى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك».

  5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بازار بولۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، دەۋرىيلىك مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلەشكەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش بېسىمى بىرقەدەر ئېغىر بولدى. خەلقئارادىن قارىغاندا، يۇقۇم تەسىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش زور دەرىجىدە يىگىلەپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى داۋالغۇپ، خەلقئارا ئالاقە چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا ئۇچراپ، بەزى دۆلەتلەردە قورۇقچىلىق ۋە يەككە تەرەپچىلىك ئەۋج ئېلىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەر ئاشتى. بىز چوقۇم تېخىمۇ تۇراقسىز، ئېنىقسىز بولغان دۇنيادا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز تېزلىكتە كەسكىنلىك بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنى قايتا قوزغىتىشتا پائال نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 3-ئايدىن بۇيان ھەرقايسى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى بارلىققا كېلىپ، تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ