مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش لازىم

2020.05.24 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  «پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ باردۇق، بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت دەل خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەيلى قانچىلىك خىرىس ۋە بېسىمغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي، قىلچە تەۋرەنمەيمىز».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش — پارتىيەنىڭ غايە-ئېتىقادى، خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنىدۇر. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلققە پۇختا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ ھەمدە تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ھەربىر شاخ-يوپۇرماققا مېھىر سىڭگەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى ئەڭ تەسىرلىك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەقىقىي نامراتلارنى زىيارەت قىلىش، ھەقىقىي دەردىنى سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنى ئايلىنىپ چىقتى؛ ھەر يىلى يېڭى يىللىق ھال سوراشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يېدى؛ جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، راست گەپ ئاڭلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز»دىن «پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى»گىچە، «سىياسەت ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ، يۇرتداشلارنىڭ كۈلگىنى ياكى يىغلىغىنىغا قاراش لازىم»غىچە، «پۇقرالارغا قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش»قىچە، «ئامما بىلەن بىللە ئۆتۈش، بىللە جاپالىق ئىشلەش» تىن «خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىق»قىچە، خەلق داھىيسىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ھەربىر سۆزى، ھەربىر ھەرىكىتىدە ئىپادىلەنگەن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى ۋە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ