مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاپالىق تىرىشچانلىق، تەستە قولغا كەلگەن نەتىجە

2020.05.18 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەزگىلىدە، تەتۈر ماڭغۇچىلارنىڭ سايىسى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئاشۇ ئاددىي ھەم ئۇلۇغ كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەيپىياتىغا ئايلاندى. ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، تەتۈر يۆنىلىشكە يۈرۈش قىلغان بۇ نۇر ئەلچىلىرى، ئۈمىد ئەلچىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋىرۇسقا بولغان باتۇرلۇقى نامايان قىلىنغان، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىشتىكى باتۇرلۇقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنغان.

  بۇ ئىس-تۈتەكنى كۆرگىلى بولمايدىغان، ئەمما قۇربان بېرىشنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى، بۇ بىر مەيدان زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان، ئەمما ئاتاكىغا ئۆتۈش ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان قەيسەرلىك بىلەن توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى. دېڭىز بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، ياشلاردىن ياشانغانلار ۋە بالىلارغىچە جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئۆز جىسمى بىلەن مۇقەددەس زېمىندا يېڭى پولات ئىستىھكام قۇرۇپ، يۇقۇم بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك دەۋر سەھىپىسىنى يازدى. «جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشى، خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندە، جاپا- مۇشەققەتلىك دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چاغان ئەسلىدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان، ساياھەت قىلىدىغان گۈزەل بايرام ئىدى، چاغاننىڭ مەنىسىنى ھېچكىم جۇڭگولۇقلاردىنمۇ بەكرەك چۈشەنمەيدۇ، لېكىن ماسكا تاقاڭلار دېگەن ھامان كىشىلەر ماسكا تاقىدى، ئۆيدىن چىقماڭلار دېگەن ھامان ئۆيدىن چىقماي ئولتۇردى. 1-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان 76 كېچە-كۈندۈزدە ۋۇخەن خەلقى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلاندى. ئاستا-ئاستا قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ دىڭيۈ: «مەن چوقۇم تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشۈم كېرەك، شۇندىلا ۋىرۇسنىڭ قولىدىن تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى قايتۇرۇپ كېلەلەيمەن»، دېدى. «95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» سېسترا لى خۇي ھايات- ماماتىغا قارىماي: «ئەگەر بەختسىزلىككە يولۇقسام تېنىمنى ئىئانە قىلىمەن، ۋىرۇس تەتقىقاتىغا ئىشلىتىڭلار»، دېدى. «پولات شۇجى» ۋاڭ چيۇڭ بىر پارچە پولات تاختا، ئۈچ پولات مىخ قېقىلغان ئوڭ پۇتىنى سۆرەپ، ئائىلىلەرنى بىر-بىرلەپ تەكشۈردى. بىر كۈن يول ماڭسا، تىزىدىن ئوشۇقىغىچە ئىششىپ كېتەتتى. خەتەرلىك ئەھۋالدا، پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلدى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، ج خ كادىر ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى خەتەردىن قاچمىدى، تىرانسپورت خادىملىرى كېچە-كۈندۈز يول يۈردى، تاماق توشۇغۇچىلار تەرەپ-تەرەپكە قاترىدى، پىدائىيلار كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئىشلىدى...

  ھېچكىم چەتتە قاراپ تۇرغۇچى ئەمەس، ھەممە ئادەم پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشتى، بەزىلىرى ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بىز 4600 دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇخەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان خېتىدە: يۇقۇم «بىزگە جۇڭگولۇقلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەردى، سىلەرنىڭ چىدامچانلىقىڭلار، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان روھىڭلارنى كۆرۈۋالدۇق»، «ھەر بىر ئاددىي جۇڭگولۇق، رەھمەت سىلەرگە»، دېدى. مانا بۇ چىن كۆڭلىدىن چىققان سۆزلەردۇر. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ