مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار دەل ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش لازىم

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2020.05.13 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار دەل ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹يوۋيۈ روھى›نى جارى قىلدۇرۇپ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلارنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ،‹ئىككى تاغ، يەتتە دەريا، بىر ۋادى›نىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلارنى قوغداش داۋامىدا ئېچىش، ئېچىش داۋامىدا قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار دەل ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش لازىم. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تىپ ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.

  ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش

  2005-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يۈسۈن كەنتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار دەل ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغدۇر» دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يېشىل تەرەققىيات ئورتاق تونۇشقا، خۇجوۋدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. خۇجوۋ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مېي زىخۇا مۇنداق دېدى: خۇجوۋ ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ «قىزىل سىزىقى»نى چىڭ ساقلاپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ «ئاساسىي لىنىيەسى»گە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىشنىڭ «ئۇل لىنىيەسى»نى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىشتىكى «يۇقىرى چەكنى»نى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتىكى «پىرىنسىپ»نى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپ يېشىل، پۇقرالار بېيىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

  سەنشى ئۆلكىسى داتۇڭ شەھىرى يۈنجوۋ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فېڭرۇي مۇنداق دېدى: «تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق قاتارلىقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، يۈنجوۋ رايونىنىڭ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەش ئۈلگە رايونى قۇرۇشى ھەم شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىدۇر».

  شەندۇڭ ئۆلكىسى ئەنچيۇ شەھىرى لىڭخې بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ماۋ يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا، يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلارنى يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ يېتەكلەپ، تېخىمۇ بېيىتىپ، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇرىمىز!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ