مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، «خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىش

— قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جۇڭگو مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش

2020.05.11 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رېن يى 77 ياشلىق دىڭ ئەپەندىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قولىغا ئېلىپ، ئىختىيارسىز «مەنپىيكەن» دەپ توۋلىۋەتتى. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دىن ئاشقاندا، دىڭ ئەپەندىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىشى بىلەن، ۋۇخەن شەھىرى دوختۇرخانىلىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى نۆلگە چۈشۈپ، «ۋۇخەننى قوغداش جېڭى» ئاخىرى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالدى.

  «ۋۇخەن خەلقىنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشى يەر شارىدىكى يۇقۇم بىلەن داۋاملىق جاپالىق جەڭ قىلىۋاتقان كىشىلەرگە زور ئىلھام بولدى: يۇقۇم خەتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەڭگىلى بولمايدۇ ئەمەس» دەپ ئاپىرىن ئوقۇدى چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بەزى ئەلچىخانىلىرى. پەقەت بۇ مەيدان جەڭنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلارلا، ۋۇخەننىڭ «نۆلگە چۈشۈشى»نىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز جىددىي ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋە ۋۇخەندىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنىڭ قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرىشى، جان ئالغۇچى بىلەن بەسلىشىپ كەسكىن تالىشىشى، مۇداپىئە كىيىمى بىلەنلا يەردە ياتقان چارچىغان سىيمالار، دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىغا قايتا-قايتا چىلىنىپ يېرىلىپ كەتكەن قوللار؛ بۇ مەيدان جەڭنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلارلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مەدھىيەسىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدۇ، «بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا غەلىبە قىلىشتا بىزگە كۈچ ۋە ئىشەنچ بەرگىنى جۇڭگو خەلقى»، «خەلق ھەقىقىي قەھرىمان».

  بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارادىكى نۇرغۇن زاتلار جۇڭگونىڭ نېمىشقا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى كونترول قىلالىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي، چۈنكى بىز باشتىلا ھەممىسى خەلق ئۈچۈن، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى قىلدۇق. رومىنىيە «ئەركىنلىك گېزىتى» ئىلگىرى جۇڭگودا مۇخبىرلىق قىلغان بىر مۇخبىرنىڭ خەۋىرىنى ئېلان قىلدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن، جۇڭگودىكى چوڭ-كىچىك كىشىلەر تۇغقانلاشماي، ساياھەت قىلىپ دەم ئالماي، بىر كېچىدىلا ئىشىكتىن سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ‹ئۆيبەند ئەر-ئايال›لارغا ئايلاندى». يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قىستاڭ كوچىلاردىكى پىيادىلەر ئازلاپ، ئاۋات مەيدانلار بوش قېلىپ، بارلىق كىشىلەر سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىدى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئاڭلىق ھالدا ئۆيدە ئايرىلىپ تۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار ئىش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، تىزىملاشنى ياخشى قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنى تۈرلۈك تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ