مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشىنى «نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش» دېيىشكە بولىدۇ

— قول تۇتۇشۇپ يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش (2)

2020.05.09 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئورتاق دۈشمەن ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتكەنلەر ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ». خەلقئارادىكى داڭلىق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئالىمى جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى مۇشۇنداق ماختىدى، بۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «جۇڭگونىڭ قۇربانلىق بېرىشى»، «جۇڭگونىڭ تۆھپىسى»گە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق زور تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى. جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونترول قىلالىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتكە بىلدۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. دەرھال دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، دەرھال دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، دەرھال تېببىي ژۇرناللاردا پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسىدىن يەتتە نۇسخا، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش لايىھەسىدىن ئالتە نۇسخىنى ئۇدا يېڭىلاپ ئېلان قىلدى، پاتولوگىيەلىك ئاناتومىيە نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىدى، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى... بەزىلەر، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش مۇساپىسى ئىزچىل كامېرا ئالدىدا تۇرۇپ، توردا نامايان قىلىندى، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن «نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش» دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.

  دۇنيا خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى لازىم؛ قېرىنداشلاردەك ھەمدەمدە بولۇشتا قۇياش بىلەن ئاينى ئۆرنەك قىلغىلى بولىدۇ. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ جىشيەن تۇنجى بولۇپ ئۆزى قوبۇل قىلغان ئۈچ گۇمانلىق بىمارنى مەلۇم قىلدى؛ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش» چىقاردى؛ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە كېلىپ، نەق مەيداننى تەكشۈردى؛ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۇچۇرنى ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەۋەر قىلىشقا باشلىدى... بىمارنى بايقىغاندىن تارتىپ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، جۇڭگو قوللانغان ھەر بىر قەدەمدىكى ھەرىكەتنىڭ ئاساسى بار، پۈتۈنلەي ئاشكارا. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا: ۋۇخەندە 1- ئاينىڭ 23-كۈنى «شەھەرنىڭ قامال قىلىنىشى» دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، ئەگەر بۇنداق قىزىل سىگنال سىزنى ئويغىتالمىسا، پەقەت سىزنىڭ يالغاندىن ئۇخلاۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ، دېيىلدى. بىل گايتىس كۆپ قېتىم تاراتقۇلاردا: «جۇڭگو باشلىغاندىن تارتىپ نۇرغۇن توغرا ئىشلارنى قىلدى» دېدى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ