مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش يېڭىچە تۇرمۇش ۋە يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2020.04.26 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش يىلى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، «گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئېشىپ قالغان نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك»، «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭىچە تۇرمۇش ۋە يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  كۆڭۈللۈك تىرىكچىلىك قىلغاندىلا ئاندىن خۇشال-خۇرام ياشىغىلى بولىدۇ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاخىرقى يىلىدا بىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق، شۇڭا، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىمىز تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم بولغىنى ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، تەس بولغىنى سىجىل ۋە مۇقىم بولۇش»، «تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ۋە مۇقىم ھالدا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»، «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆزىتىش مېخانىزمىنى ھەمدە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن كېيىنكى داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى گوشياڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەرگىزمۇ بىر ھۇجۇم بىلەنلا ئاسان يېڭىپ چىققىلى بولىدىغان جەڭ ئەمەس، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسى مۈشكۈلدۇر، بۇنىڭدا، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ