مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرايلى

2020.04.23 19:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىشمۇ توختاپ قالمايدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  4- ئاينىڭ 17- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى .

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ۋە ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى. بىز مۇشۇنداق بولغانسېرى، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پەقەت ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام ۋە تېخىمۇ يۇقىرى نىشان ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلغاندىلا، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە قۇدرەتلىك كۈچنى تولۇق نامايان قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى پەيدا قىلغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ