مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى چىڭ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك

2020.04.20 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنمەكتە، ئەمما، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر بولماقتا، شۇڭا، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  4- ئاينىڭ 17- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغاندا، مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن قولغا ئاسان كەلمىگەن نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى داۋاملىق چىڭ ھالەتتە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى چىڭ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە تۇتۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تاشقى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ سېرتتىن كىرىشىنى توسۇش ۋە ئىچكى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى زۆرۈر بولغان مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە پائال يېتەكلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنىڭ ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  بىر مەزگىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق رەۋىشتە ياخشىلانماقتا، چېگرا ئىچىدە بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما، چېگرا سىرتىدا يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا داۋاملىق يامراپ كېتىۋاتقاچقا، ئېلىمىزدە ھازىر چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرى زور دەرىجىدە ئاشماقتا. بۇ بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، تاشقى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ سېرتتىن كىرىشىنى توسۇش ۋە ئىچكى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، بىپەرۋالىق قىلىشقا، بىخۇدلۇق قىلىشقا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ تەتۈرگە قاراپ ئۆزگىرىشىگە يول قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چوقۇم خەلقئارادىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلەپ، يەنە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئۇنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ