مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ساقلاشتا چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش مۇھىم

2020.04.15 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى 5-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى بولۇپ، «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ___ بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى ئاساس قىلىپ، تاشقى خەۋپسىزلىك ۋە ئىچكى خەۋپسىزلىك، دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق خەۋپسىزلىكى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك، ئۆز خەۋپسىزلىكى ۋە ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ