مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوران-چاپقۇنلاردا توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەش

_ _ _ جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى مۇناسىۋىتىدە يېزىلدى

2020.03.26 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  (1) تەبىئەت دۇنياسىغا ئوخشاشلا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ھەم قۇياش پارلاپ تۇرىدىغان كۈنلىرى، ھەم بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلىرى بولىدۇ.

  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇدا كاج دەريالارنى تۈزەپ، سان-ساناقسىز تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلىق جىددىي ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يوللىرى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەر ۋە خىرىسلارغا تولغان ئىدى. ئەمما ئۇلاردا ھەمىشە بوران-چاپقۇنلاردىن ۋە خەۋپ-خەتەردىن قورقمايدىغان جاسارەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بولغاچقا، ئۇ جاسارەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تارىخىي ئېقىمغا ئايلىنىپ كەلدى. خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ يىلنىڭ بېشىدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان ئىدى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئادەتتە ئادەم ئېقىم سانى ئەڭ كۆپ بولىدىغان چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تارقىلىشقا باشلىغان بولغاچقا، نەتىجىدە ئۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرى ئىچىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق جامائەت ساغلاملىقى تۇيۇقسىز ۋەقەسىگە ئايلاندى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاخىرىقى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ مۇھىم پەيتىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يەنە بىر قېتىم قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى.

  «ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىكتۇر. يۇقۇم بۇيرۇقتۇر، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان بارلىق كىشىلەر ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مۇسابىقىگە چۈشۈشۈپ، بۇ ۋەھشىي مەرەز كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭدا، 80-90 ياشلىق ئاكادېمىكلاردىن تارتىپ «90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار» ۋە «بۇ يېڭى ئەسىردە تۇغۇلغانلار»غىچە بولغان ھېچنېمىدىن قورقماس داۋالاش خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خەلق بىر نىيەتكە كېلىپ، پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، خۇبېي خەلقى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، مىليونلىغان خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، سالمىقى مىسلىسىز بولغان بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بولغان بۇ بىر مەيدان جەڭنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى، ھەمدە 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  «لوجياشەن تېغىدا نورۇزگۈللىرىمۇ ئېچىلدى!». ئەزەلدىن ھېچقانداق باھار بىزنى بۇ قەدەر ئىنتىزار قىلىپ باقمىغان. ۋۇخەندە كېلىشىۋالغان ۋاقىت بويىچە ئېچىلغان نورۇزگۈللىرى مۇقەددەس زىمىندىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن سىگنال بېرىپ، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدنى نامايەن قىلدى. قەھرىمان خەلق تېخىمۇ قەيسەرلىشىپ، قەھرىمان شەھەر ئۇيۇل تاشتەك تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىپ، قەھرىمان جۇڭگو تېخىمۇ يىمىرىلمەس كۈچكە ئايلاندى. تارىخ يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدى:

  جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىختا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، ئەمما، ئەزەلدىن بېسىمغا باش ئېگىپ يىقىلىپ چۈشۈپ باقمىدى، بەلكى، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى !

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ