مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ

2020.03.26 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، خۇبېي ئۆلكىسىدە ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا جايلار خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى بىكار قىلىپ، تاشقى قاتناشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى؛ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ۋۇخەن شەھىرى ۋۇخەندىن ۋە خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرىنى بىكار قىلىپ، تاشقى قاتناشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

  ۋۇخەن بىلەن خۇبېي مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم جاي، خۇبېي بىلەن ۋۇخەندە تاشقى قاتناشنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى بىكار قىلىش، ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش — يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەنلىكى ۋە كېڭەيتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. لېكىن، ئاندا-ساندا كۆرۈلۈۋاتقان بىمارلار ۋە قىسمەن يۇقۇم يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە يامراش كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، شۇڭا مېڭىنى سەگەك تۇتۇش كېرەك، بىپەرۋالىق، بىخۇدلۇق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىغا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

  مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ھوشيارلىقنى يۈكسەك ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، بىر تەرەپتىن، سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋەزىيەت ئاسانلا بەزى كىشىلەردە بىخۇدلۇق، ئازادىلىك روھىي ھالەت پەيدا قىلىدۇ، ئەڭ قىيىن باسقۇچ ئۆتۈپ كەتتى، ماسكىنى ئېلىۋېتىپ ئەركىن نەپەس ئالغىلى، مۇداپىئەنى بىكار قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشىنىڭ يۇقۇمنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ.

  خەلقئارادىن قارىغاندا، يەر شارىدا يۇقۇم كەڭ تارقىلىپ، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنە بىردىنلا ئېغىرلاشتى، بەزى كىشىلەردە ئاسانلا ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولدى. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تارقىلىش سۈرئىتى تېز، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باغلىق ئەمەس. بولۇپمۇ چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، دۆلەت ئىچىدىكى سىجىل ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش خۇددى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى كېمە ھەيدەشكە ئوخشاش قىيىن بولۇپ، داۋاملىق كۈچەش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، «بىرلا بوشاشتۇرۇپ قويساق بىراقلا كەينىمىزگە يېنىپ كېتىمىز». مۇشۇ پەيتتە، چوقۇم غەيرەت قىلىپ، چىشىمىزنى چىشلەپ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بەرداشلىق بېرىشىمىز، ئۆتكەلنى چىڭ ساقلىشىمىز، تولۇق غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، دېمەسلىكىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ