مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك

2020.03.23 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. بۇ پەيتتە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى داۋاملىق ئېشىپ، يۇقۇم ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن، ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىدەك ئاساسىي تەرەپ ۋە ئىچكى جەھەتتە يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشى ئۆزگەرگىنى يوق، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرى قىسقا مۇددەتلىك، تاشقى جەھەتتە بولىدۇ، شۇنداقلا كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى كەسكىن كۈرەش شۇنى كۆرسەتتىكى، دۆلىتىمىزنىڭ مول ماددىي تېخنىكا ئاساسى ۋە كۈچلۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى، ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار، خەلق ئىگىلىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بەردى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى «بېسىم سىنىقى»غا بەرداشلىق بەردى، بۇ بىر ئاساسىي پاكىت.

  دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىشتا ئومۇمىي گەۋدىنى ئىگىلەش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش كېرەك. گەرچە يۇقۇمنىڭ زەربىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئىككى ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى يەنىلا 11 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇ، ئىقتىسادنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاساسىي سانائەت ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كاپالىتى كۈچلۈك بولدى، دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بەزى ساھەلەر يەنىلا بىر قەدەر ياخشى ئاشتى، بولۇپمۇ ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى ۋەكىللىكىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تېز ئاشتى. تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئاممىۋى كەسىپ بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئىستېمال بۇيۇملىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى ئاشتى، تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى، بۇ، كۈچلۈك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكىلىقىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ