مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك شىجائىتىنى نامايان قىلدى

2020.03.19 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  «بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنىمۇ قەتئىي قوغداپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشىمىز».

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى كەسكىن كۈرەشتە، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى يىغىپ يۇقۇمغا قارشى تۇردى. ئىككى ئاي جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر زور كۈچ بىلەن تېزلىكتە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى باشلىدى. بۇ كەسكىن كۈرەشتە ۋۇخەن خەلقى ئومۇملۇقنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، زور تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنياغا ۋۇخەن خەلقىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  خۇبېي ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش خىزمەتچىلىرى ئاق كىيىم كىيىپ، قارشى يۆنىلىشتە يولغا چىقىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ مېھىر- شەپقىتى، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك ئالىيجاناپ روھىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى، دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش، ئاممىۋى مۇداپىئە كۆرۈش، ئاممىۋى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە ئۈنۈمى دۇنياغا جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ئۆزئارا ياردەمدە بولىدىغان دۆلەتپەۋەر ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ