مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش

2020.03.16 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  مەرد مەيداندا سىنىلار، سادىق ئادەم بوران-چاپقۇندا بىلىنەر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان مۇھىم، زور سىناق بولۇپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان جاسارىتىنى، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر قابىلىيىتىنى سىنايدۇ.

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز، دەپ تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، بۇ قېتىمقى چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەقىل-پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە-تەدبىرلىك بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قەھرىمانلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى. تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، پىدائىيلار ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا تۇردى. ئۇلار ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، خەتەرلىك پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتىپ، باتۇر ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. ھازىر، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشىلىنىش بولدى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، ئېغىر، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپى زورايماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ