مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەھرىمان شەھەر، قەھرىمان خەلق

2020.03.12 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر بولۇشقا مۇناسىپ، ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ئارقىلىق، ۋۇخەن يەنە بىر قېتىم قەھرىمانلار تارىخ سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ!

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مەخسۇس خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ۋۇخەن خەلقى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋۇخەن خەلقىدىن تەسىرلەندى، ئۇلارنى ئالقىشلىدى! پارتىيە ۋە خەلق ۋۇخەن خەلقىگە رەھمەت ئېيتىدۇ! باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  يامان ئەلپاز بىلەن كەلگەن بۇ مەيدان يۇقۇم ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ تەلتۆكۈس ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى. ۋۇخەندە نەچچە ئون مىليون كىشى بار، شەھەرنى قامال قىلىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ يامراش، كېڭىيىشنى كونترول قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇپ، بۇنى ئىنتايىن قىيىن قارار دېيىشكە بولىدۇ. ۋۇخەن خەلقى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن باش ئەگمەي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا ۋۇخەن خەلقىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

  دەل ۋۇخەن خەلقىنىڭ قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى بولغاچقا، ۋۇخەن خەلقىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە تىرىشچانلىقى بولغاچقا، بۈگۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر، ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق، تارىختا ئەزەلدىن قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتكە باش ئىگىپ باقمىغان. بۇ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پۈتكۈل كۈرىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقى چوقۇم يەنە بىر قېتىم تارىخ سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ! بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ۋۇخەن خەلقى بىر نىيەتتە ماسلىشىش، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق روھى، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش روھى، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش روھى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى نامايان قىلدى. بۇ روھلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى جۇڭگو روھىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ