مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ مەھەللىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىكى بىر مىكرو كۆرۈنۈش

«ۋۇخەن چوقۇم يەنە بىر قېتىم قەھرىمانلار تارىخىغا يېزىلىدۇ»

2020.03.11 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ كۆرۈشكەنلەر ئىچىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى دوختۇرلىرى، يەنە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ۋە پىدائىيلار بار بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ گۈرۈچ-مايلىرى تۈگەپ قېلىشى، يۇندى يولى توسۇلۇپ قېلىش، ئەخلەت ساندۇقى توشۇپ كېتىش دېگەندەك مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇلارغا ئوخشاش مەھەللە مۇداپىئە-كونترول قوشۇنى بولسا، ۋۇخەندىن ئىبارەت بۇ قەھرىمان شەھەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرە لىنىيەسى بولۇپ قالدى. تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر كۇڭ شياڭفېڭ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى 25 كۈنلۈك كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. ئىلگىرى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ماتېرىيال يازىدىغان بۇ كىشى ئەمدى ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىشىغا ۋە كۆكتات توشۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، "مەن يېڭى كەلگەندە بۇ مەھەللە ماڭا ناتۇنۇش ئىدى، ئەمما ئەمدى مەن بۇ مەھەللىنى پىششىق بىلىپ كەتتىم؛ دەسلەپتە مەھەللە ئاھالىلىرىمۇ مىنى چۈشەنمەيتتى، مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ چىقاتتى، ئەمما بىز ھازىر تەبەسسۇم بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇق. ئۇلارنىڭ ئەمدى «رەھمەت سىزگە، يىگىت» دەيدىغان شۇ بىر ئېغىز سۆزى مېنى تەسىرلەندۈردى، مەن ئەمدى ئۆزۈم ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلايدىغان بولدۇم." دېدى.

  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى باردەك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ قورققانلىقىنى ۋە ئەندىشە قىلغانلىقىنى، يەنى يۇقۇملىنىشتىن قورققانلىقىنى ئېيتتى، ئاممىنىڭ چۈشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتتى؛ يەنە بەزىلەر بېشىدىن ئۆتكەن تەسىرلىك ۋە ئىللىق دەقىقىلەرنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى. دېمەك، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى كەچۈرمىشلەردىن كۆپچىلىك شۇلارنى ھىس قىلدىكى، ئاپەت ئالدىدا، ھەر بىر ئادەم نۇر چىقىرىشنى خالىسىلا، يوغان بىر نۇر دەستىسى ھاسىل قىلالايدىكەن، شۇ ئارقىلىق، ھەم قوشنىلارنى، ھەم ئۆزىنى يورۇتالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ