مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش لازىم

2020.03.04 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  ئىنسانلارنىڭ كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى دەل پەن-تېخنىكا، ئىنسانلارنىڭ ئېغىر ئاپەت ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يېڭىشى ئىلمىي تەرەققىيات ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

  3-ئاينىڭ 2-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ پەن بويىچە كۈچلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىيلىكتە چىڭ تۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش لازىم. باش شۇجىنىڭ يوليورۇقى ۋە تاپشۇرۇقى كەڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىپ تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، پەن تەتقىقات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئىككى سېپى بار، بىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سېپى، يەنە بىرى پەن تەتقىقات ۋە ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش سېپىدۇر. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى يېڭىش پەن-تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش شەرت، دەپ تەكىتلىدى. مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكا سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئالاقىدار تارماقلار پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ كىلىنىكىلىق داۋالاش ۋە دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئۆلچەش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتى، ۋىرۇس پاتولوگىيەسى ۋە تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى، ھايۋانات مودېلى بەرپا قىلىش قاتارلىق بەش چوڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، پەن ھالقىغان، ساھە ھالقىغان پەن تەتقىقات ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، پەن تەتقىقات، كىلىنىكىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1- سېپىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات قاتارلىق تەرەپلەر زىچ ماسلىشىپ، قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىككى سەپ ئۆزئارا ماسلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولۇپ، ياخشى ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ