مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش لازىم

2020.02.27 17:05 مەنبە: خەلق تورى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا بىر قەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ناھايىتى چوڭ بىر خىرىستۇر؛ يۇقۇم ئەھۋالى پەسەيگەندىن كېيىن، يەنە قانداق قىلغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلىغىلى بولىدۇ؟ بۇمۇ ناھايىتى چوڭ بىر خىرىستۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىييۈزلۈك جېڭى ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، ھەمدە پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال تۈردە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ۋەزىيەت كېڭىيىۋاتىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ھالەتتە تۇرماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشمۇ ئەڭ قىيىن ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرماقتا. جايلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك ئۇسۇلنى قوللىنىشقا، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەم شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يېنىكلىك قىلىپ بوشاشتۇرۇپ قويۇپ، سىڭدۈرۈلگەن ئەجىرنىڭ يوققا چىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلاردىن باشقا رايونلاردىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى بولسا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ پەيتتە، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ قوش غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى جىددىي تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ