مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە تولۇق غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ھەرگىز ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېمەسلىك كېرەك

2020.02.26 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال تۈردە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كېڭىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ.

  2- ئاينىڭ 23- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىش پىسخىكىسىدىن چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇشنى تەكىتلىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، چىشىنى چىڭ چىشلەپ، داۋاملىق قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، تولۇق غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ھەرگىز ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىمىزدا زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان بۇ كەسكىن كۈرەش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات بۇرۇلۇش نۇقتىسى تېخى يېتىپ كەلمىدى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولماقتا. مەملىكەت بويىچە كۆپ ساندىكى جايلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ يەنە بىر قېتىم كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھالقىلىق باسقۇچتا، بولۇپمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىش لازىم، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىپ، بۇ كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ