مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم

2020.02.25 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ، بىر قېتىملىق كرىزىستۇر، شۇنداقلا بىر قېتىملىق چوڭ سىناقتۇر. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال تۈردە ياخشىلىنىشقا قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ.

  2- ئاينىڭ 23- كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. بۇ، جىدىىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە زور تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ خەلق جېڭى، ئومۇمىيۈزلۈك جېڭى ۋە تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  «خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.» يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتەك ئومۇمىي تەلەپنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتەك زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، پائال ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كېڭەيمەكتە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى توغرا، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋاقتىدا ۋە قوللانغان تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولغان بولۇپ، نەتىجىسى ئۈنۈملۈك بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ